باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا يېقىنقى ئىككى يىلدا يېڭىدىن سېلىنغان ھاجەتخانا 50 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشتى

2017.02.06 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گۇاڭجۇدا چاقىرىلغان 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ھاجەتخانا ئىنقىلابىي خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا يېڭىدىن 50 مىڭ 916 يۈرۈش ھاجەتخانا سېلىنغان بولۇپ، ھاجەتخانا ئىنقىلابى ئۈچ يىللىق پىلانى (جەمئىي 57 مىڭ يۈرۈش)نىڭ %89.33نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇلتۇر ئەمەلىي ئورۇندالغىنى 28 مىڭ 907 يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %31.3 ئاشقان.

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنزاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى سېلىنغان ھاجەتخانىلارنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. جايلار «سانى يېتەرلىك بولۇش، پاكىز پۇراقسىز بولۇش، باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولۇش، ئەمەلىي ھەقسىز بولۇش»تەك قۇرۇلۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، ساياھەت ھاجەتخانىسى بويىچە دۆلەت ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، بارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ھاجەتخانىلار A دەرىجىدىن يۇقىرى بولۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

  لى جىنزاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونلىرىنى A دەرىجىلىك باھالاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشتە، ھاجەتخانىلارنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكى بىر قاتتىق كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالدى. بۇلتۇر بىر تۈركۈم A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېلىپ تاشلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 10 نەچچە مەنزىرە رايونى ۋىۋىسكىسىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب شۇكى، ھاجەتخانا ئىنقىلابىي ئارقىدا قالغان، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش جايىدا بولمىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەت قىلىشى بويىچە ئەرزى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى، مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرىدا «ھاجەتخانا تېپىش تەس بولۇش، ھاجەت قىلىش تەس بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ھاجەتخانا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى ئۈچ يىللىق پىلانى تۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئاز دېگەندە يەنە 50 مىڭ ھاجەتخانا ياسىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر