باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئۆمرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توققۇز يىل قىسقىرايدىكەن

2017.02.06 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېبابەت ژۇرنىلى JAMA (ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى)دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودا ياش-قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدىكى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى توققۇز يىل قىسقىرايدىكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بۇنداق ئەھۋال دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش ۋە كونترول قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، بۇنداق ئەھۋال يېزىلاردا تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن.

  جۇڭگودا ھازىر تەخمىنەن 100 مىليون قۇرامىغا يەتكەن ئادەم دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بۇ تەتقىقاتنى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار ھەمكارلىشىپ ئورۇنلىغان، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن دىيابېت كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ 10 رايونىدىكى 500 مىڭ نەپەر ياش-قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلدى.

  بۇ تەتقىقاتقا مۆلچەرلىنىشىچە: باشقا جەھەتتىكى ئەھۋاللىرى ئوخشاش بولغان، ئەمما دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان چوڭلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 50 ياشقا كىرگەندە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ئۇلارنىڭ كېيىنكى 25 يىلى (ۋە 75 ياشتىن بۇرۇن) ئۆلۈپ كېتىش ئومۇمىي ئېھتىماللىقى %38دىن %69غا كۆپىيىپ، ئۆمرى توققۇز يىلدەك قىسقىرىشى بىلەن توغرا كېلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە، يېزىدىكىلەرنىڭ ئۆمرى ئون يىل قىسقىرايدىكەن، شەھەر رايوندىكىلەرنىڭ ئۆمرى سەككىز يىل قىسقىرايدىكەن. تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش قانچە بالدۇر بولسا، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر