خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈريول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 5- كۈنى (چاغاننىڭ 9-كۈنى)، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچى 10 مىليون 435 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 996 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %10.6 بولغان. 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە چاغانلىق تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 208 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 23 مىليون 209 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %12.5 بولغان، توشۇش بىخەتەر، مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى