باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئەرلەرنىڭ سەككىز ئادىتى

2017.02.06 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2000 مىللېتىر سۇ ئىچىش:

  ئەنگىلىيە بۆرەك تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ھەر كۈنى ئاز بولغاندا 2000ml سۇ ئىچكەندە، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %80 تۆۋەنلەيدىكەن. بىراق چوقۇم ئەلا سۈپەتلىك قايناقسۇ ئىچىش لازىم ئىكەن.

  بىر ھەپتىدە تۆتتىن سەككىز ئىستاكانغىچە قىزىل ھاراق ئىچىش:

  بىر ھەپتىدە تۆتتىن سەككىز ئىستاكانغىچە قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچكەندە، ئۈزۈم پوستىنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان ئاق خەربەك راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، يەنە خەتەرنى %50 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  ئاق ھاراقنى ئاز ئىچىش:

  ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئىسپىرت بولۇپ، تەخمىنەن %90تىن كۆپرەك ئىسپىرت تەركىبى جىگەردە مىتابولىزم پەيدا قىلىدۇ، جىگەر ھۈجەيرىسى پلازمىنى ئىچىدىكى ئېتىل ئالكوگول ھىدروگېن ئېنزىماتىك ئېتىل ئالكوگولنى كاتالىزاتورلاشتۇرۇپ، ئېتىل ئالدېگىد ھاسىل قىلىدۇ، ئېتىل ئالكوگول ۋە ئېتىل ئالدېگىدنىڭ بىۋاستە تەسىر قىلىپ، جىگەر ھۈجەيرىسىنى زىيانلاندۇرىدىغان زەھەرلەش رولى بار بولۇپ، جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتېۋىتىش، نىكروزلىنىش, ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش مەنبەلىك جىگەر قېتىش ۋە جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئېغىرلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يازدا قاتتىق ھاراق ئىچسىڭىز، جىگىرىڭىز 12 ئايغىچە ئۆز-ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

  تاماكا چېكىشكە خۇمار بولماسلىق:

  تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ، %90 ئۆپكە راكى بىمارلىرى تاماكا چەككۈچىلەر بولۇپ، تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماك چەكمەيدىغانلارنىڭ 23 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ 13 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  ئەر ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلىنىش:

  ئەرلەردە ۋىتامىن D كەمچىل بولسا چاچ چۈشۈش، جىنسىي ھەۋەس تۆۋەن بولۇش، مۇسكۇل ماغدۇرسىز بولۇش ۋە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاپتاپقا قاقلىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق شەكلى، ئادەم بەدىنىدىكى %90 ۋىتامىن D قۇياش نۇرىنىڭ تېرىنى يورۇتۇشى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئاز مىقداردىكى ۋىتامىن Dبېلىق، تۇخۇم, دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىدۇ.

  بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم جىنسىي تۇرمۇشى بار بولۇش:

  ئەنگىلىيە ئالىملىرىنىڭ ئىلگىرى 1000 نەپەر ئەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان 10 يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جىنسىي تۇرمۇشى بار ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتى ھەر ئايدا پەقەت بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز جىنسىي تۇرمۇشى بار ئەرلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەن بولغان. يۇقىرى چاستوتىلىق جىنسىي تۇرمۇشى بارلاردا تاجىسىمان ئارتىرىيە كېسىلى، سەكتە ۋە مېڭە قان نوكچىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى جىنسىي تۇرمۇش كەمچىل بولغانلارنىڭ يېرىمىغا تەڭ بولغان.

  ياخشى كەيپىياتىنى ساقلاش:

  تېببىي تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، نۇرغۇن كېسەللىك ھەر خىل ناچار روھىي ئامىلنىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ناچار روھىي ئامىل ئورگانىزمنىڭ بىئوخىمىيىلىك ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. پىسخىكا جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى پايدىلىق ھەر خىل فېرمېنت ۋە ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئىقتىدارىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدىكەن.

  مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش:

  ھازىرقى زامان كىشىلىرىدىكى نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى كۆپ ئولتۇرۇپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر كۈنى ئەڭ ياخشىسى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم، ئاستا يۈگۈرۈش ۋە تېز مېڭىش بىر قەدەر ياخشى ھەرىكەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ. (خېنەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيىچە-غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپىيىش مەركىزىدىن مۇدىر ۋراچ ۋاڭ زۇلوڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر