باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى» تارقاتتى

2017.02.06 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى»نى تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەلەپ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەدبىرلىرى ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتى.

  ھەرىكەت پىلانىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇش؛ مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش؛ ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

  خىزمەت نىشانى جەھەتتە ھەرىكەت پىلانىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە بايقاپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، زەھەر بۇيۇمنى ئوكۇل قىلىپ چېكىشتىن يۇقۇش، قاندىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى داۋاملىق ئازايتىپ، ئاغرىپ ئۆلۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقلارنىڭ ياشاش سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كەمسىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى داۋاملىق تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىش كېرەك.

  ھەرىكەت پىلانىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەر جىنىسداشۋازلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك قىلمىشىنى %10تىن ئارتۇق ئازايتىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىدىغان باشقا كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %0.5تىن تۆۋەن ھالدا كونترول قىلىش كېرەك. زەھەر تاشلىتىش دورىسىغا تايىنىپ داۋالاشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ يىلدا يېڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %0.3تىن تۆۋەن ھالدا كونترول قىلىش؛ ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلىلەردىكى جورىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %1تىن تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىنى %4تىن تۆۋەنلىتىش؛ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق بايقالغان ۋە ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىدىغان يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئاغرىقلار نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش كېرەك. داۋالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغان يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى 2015-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر