باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك كۈچلەرنى تېز يېتىشتۈرۈشكە دائىر بىرقانچە پىكرى

(2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى)

2017.02.06 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئومۇمىي مىقدار يېتىشمەسلىكتىن قۇرۇلمىلىق زىددىيەتكە ئۆزگىرىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك تەمىنلەشنىڭ تەلەپتىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تەڭ مەۋجۇت بولۇشتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى تەمىنلەش ھالقىسىدا بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش-ئېھتىياج قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭسىز بولۇش، ئامىللارنى تەقسىملەش نامۇۋاپىق بولۇش، بايلىق-مۇھىت بېسىمى ئېغىر بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا ئاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنىڭ ئۆسۈشى بىلەن باھانىڭ تۆۋەنلىشى، زاپىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن سېتىشنىڭ راۋان بولماسلىقى، كىچىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن چوڭ بازار، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى باھا پەرقىنىڭ زور بولۇشى قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك كۈچلەرنى تېز يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساسىي نىشان، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ يول قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بايلىق سەرپ قىلىش، ئاساسلىقى مىقدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا زىيادە تايىنىشتىن يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا، سۈپەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرۇلۇش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق بىر جەريان، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا نۇرغۇن چوڭ سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز. جەزمەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا يۈزلىنىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى دادىل يېڭىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەننەرخىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، ئىسلاھات خەۋپ- خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىدا مەسىلە كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر