باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «‹بەشتە كاپالەتلىك› ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىۋىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىختىيارلىقى بار «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك بېقىلىدۇ

2017.02.06 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگېراممىسى: 2020- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزلىك بېقىشقا ئىختىيارلىقى بار «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھۆكۈمەت ئاچقان ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بوش قالغان كارىۋاتلارنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلىدۇ.

  3-فېۋرال، چاغانلىق دەم ئېلىش ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز « ‹بەشتە كاپالەتلىك› ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىۋىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا قويدى (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ ئېيتىلىدۇ)، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان بۇ تۈردىكى تەدبىرلەرگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

  «پىكىر»دە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ئىككى باسقۇچ كۆرسىتىلدى.

  بىرىنچى باسقۇچ، 2017- يىلى 1- ئايدىن 12- ئايغىچە، ھۆكۈمەت ئاچقان ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بوش كارىۋاتلارنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى تولۇق تاماملاش، بوش كارىۋاتلارنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزۈش، مەركەزلىك بېقىش (بېقىۋىلىش) سوممىسىنى تەييار قىلىش، مەركەزلىك بېقىلىدىغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بەخىتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى باسقۇچ، 2018- يىلى 1- ئايدىن 2020- يىلى 12- ئايغىچە، ھەر قايسى جايلار ھۆكۈمەت ئاچقان ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى بوش كارىۋاتلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتىن سىرت، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىۋىلىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن كاپالەت پىرىنسىپى بويىچە، ئىختىيارلىقى بار «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى ھۆكۈمەت قۇرغان مەركەزلىك بېقىش (بېقىۋىلىش) ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىپ مەركەزلىك بېقىشى (بېقىۋىلىشى)، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنى ئاساسىي تۇرمۇشى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى، كېسىلىنى داۋالىتىش، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىش قاتارلىق كاپالەتلەرگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن سىرت، جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەنە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، مەركەزنىڭ لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى، ھەر دەرىجىلىك مالىيە خامچوت مەبلىغى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى، جەمئىيەتنىڭ ئىئانە مەبلىغى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك بىرلەشتۈرۈپ، نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر