باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى «ئوت يۈرەك مۈشۈكئېيىق پالۋان» سەككىز يىلدا 2800 مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىمارنى قۇتقۇزۇۋالدى

2017.02.07 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: «قاشتېشى شەھەرچىسى» دېگەن نامى بىلەن داڭلىق بولغان چەرچەن ناھىيەسىدە «ئوت يۈرەك مۈشۈكئېيىق پالۋان» كامىل تۇردىنى بىلمەيدىغىنى يوق.

  بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن كامىل تۇردى چەرچەن ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتىنىڭ بىر ئاددى كادىرى، ئۇنىڭ قان تىپى A تىپتىكى RH مەنپى تىپلىق قان بولۇپ، ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان «مۈشۈكئېيىق» قان تىپىغا كىرىدۇ. سەككىز يىلدا كامىل تۇردى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ تونۇشمايدىغان سەككىز بىمارغا 2800 مىللىلېتىر قاننى ھەقسىز تەقدىم قىلىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان، بىراق ھېچبىر بىمارنىڭ پۇل-پۈچەك ياكى ماددى بۇيۇمىنى قوبۇل قىلمىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ مۈشۈكئېيىق قان تىپىدىكى بىمارلارنىڭ ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن، ئۇ دوستلىرى بىلەن «بايىنغولۇن ئوبلاستى كەم ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكىلەر ياردەم پونكىتى» QQتوپىنى قۇرۇپ، مەخسۇس كەم ئۇچرايدىغان قان تىپىدىكى بىمارلارغا ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭ قىزغىن، باغرى ئىسسىق مىجەزى ۋە كۆپ قېتىملىق خالىس ياردىمى ئۈچۈن، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇنى «ئوت يۈرەك مۈشۈكئېيىق پالۋان» دەپ ئاتىغان.

  ئاددى كىيىنىشى، ھەرۋاقىت قىزغىن كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىرايى، خەنزۇچىنى ساپ ۋە راۋان سۆزلىشى مانا بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ قاۋۇل ئۇيغۇر يىگىتى كامىل تۇردىغا بولغان تۇنجى تەسىراتى.

  2006-يىلىدىكى بىر قېتىملىق ھەقسىز قان بېرىشتە كامىل تۇردىنىڭ قېنى A تىپتىكى RH مەنپى تىپلىق قانلىقى ئېنىقلانغان، شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئىككى قېتىم قان بەرگەن.

  2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىدە قاشتېشى سودىسى قىلىدىغان گۈلنىسا تۇرسۇن بالىياتقۇسىدىن قان چىقىش سەۋەپلىك جىددى A تىپتىكى RH مەنپى تىپلىق قانغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە دوستلىرى بولۇپ 70 نەچچە ئادەم قېنىنى تەكشۈرتۈپ، ھېچقايسىسىنىڭ ماس كەلمىگەن، مۇشۇ ۋاقىتتا گۈلنىسانىڭ بىر تۇغقىنى قان تىپى گۈلنىساغا ئوخشايدىغان تۇردى كامىلنى ئېسىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. تۇردى كامىل ناھايىتى تېزلا دوختۇرخانىغا كېلىپ ،200 مىللىلېتىر قان بەرگەن، گۈلنىسا خەتەردىن قۇتۇلغان. گۈلنىسانىڭ يولدىشى 10مىڭ يۈەن پۇلنى بېرىپ رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق كامىل تۇردى رەت قىلغان ۋە : «ئەگەر يەنە ياردەم كېرەك بولسا مېنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ» دەپ قايتقان.

  2016 -يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنجى تارماق دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى بۆلۈمىدە، ھۆرپاشا نۇرمەمەت ئوپېراتسىيە ئالدىدىكى تەكشۈرتۈشتە ئۆزىنىڭ مەنپى تىپلىق كەم ئۇچرايدىغان قان تىپى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىنىڭ قان ئامبىرىدا پەقەت 200 مىللىلېتىر A تىپتىكى RH مەنپى تىپلىق قان بولۇپ، يەنە 600 مىللىلېتىر زاپاس قان بولمىسا ئوپېراتسىيەنى قىلغىلى بولمايتتى.

  ھۆرپاشانىڭ يولدىشى ئابدۇراخمان ئاۋۇت ئايالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك تىت-تىت بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى توپىدا بۇ ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ ياردەم سورايدۇ، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى ئىشخانىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى خىزمەتداشلار توپىدا تارقىتىدۇ، «چەرچەن ناھىيەسىدە بىر يولداش بار ئىكەن، قان تىپى ماس كېلىدىكەن، قان تەقدىم قىلىشقا قوشۇلدى» دېگەن خەۋەر 19-چىسلا كەچ سائەت 11لەر بىلەن بۇ توپتا چىقىدۇ، پۈتۈن توپتىكى خىزمەتداشلار روھلىنىپ كېتىدۇ.

  كامىل تۇردى بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئالىدۇ ۋە شۇ كۈنى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ 1187 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە جىددى قان بېرىپ، ھۆرپاشانىڭ ھاياتىنى خەتەردىن ساقلاپ قالىدۇ.

  كامىل تۇردى مۇنداق دەيدۇ: «ھايات بىباھا، مېھىرنىڭ چېگراسى بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ، پەقەت بىز ھەربىرىمىز ئاز بولسىمۇ ئۆزئارا مېھرىمىزنى بېرەلىسەك، بۇ دۇنيا شۇندىلا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق قايتىدىن پورەكلەپ ئېچىلالايدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر