باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ

يۈز تۇرا ئىمتىھاننىڭ پۈتۈن جەريانى خاتىرىلىنىدۇ

2017.02.08 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، تارماقلار 2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى بىرلىشىپ 2015- يىلى «مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا تەشكىللەش، باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تارقاتتى. بۇ «چارە»دە يۈز تۇرانە ئىمتىھان تۈزۈمىدىن تارتىپ ئىمتىھان ئىنتىزامى، ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشقىچە تەپسىلىي بەلگىلىمە بېكىتىلدى.

  مەسىلەن، يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەق مەيدانىدا، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى، ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە يۈر تۇرانە ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار يان تېلېفون قاتارلىق ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن خىزمەت خادىمىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالىدىغان ئۆيگە ئۈن-سىن ئېلىش ئەسلىھەلىرى سەپلەپ، ئىمتىھان ئېلىش جەريانىنى خاتىرىلەش كېرەك.

  تەرتىپ بويىچە، كومسىيە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان نازارەتچىسى ئىمتىھان ئېلىش ئۆيىدىكى ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، شۇنداقلا باھالاش جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇپ جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى نازارەت قىلغۇچى ئىمتىھان نەق مەيدانىغا كەلمىسە، ئىمتىھان ئېلىشقا بولمايدۇ. نازارەتچى ئىمزا قويۇپ جەزملەشتۈرمىسە يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر