باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق بىر شوپۇر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ھەيدەۋېتىپ قىزىل بولاق تالاشقانلىقتىن، يولۇچى تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كىنىشكىسى بىكار قىلىندى

2017.02.08 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگېراممىسى: گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى چوڭ تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى شوپۇرى 51 يولۇچى بار ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، تېلېفونىدا توختىماي 11 قېتىم قىزىل بولاق تالاشقان.

  بۇ ئىش 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئورگان سىنا بىلوگىدا بىر پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان، « B0XXX-B شىن ، بۇ سېنىڭ بىر ئاپتوبۇس ئادەمنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقىنىڭمۇ؟»، بۇ تورداش يەنە سىن يوللاپ، بۇ ئەھۋالنى ئىسپاتلىغان.

  سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پاش قىلىشنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال گۇچۇڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە بۇيرىغان.

  تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچى تەرەپ شىنجاڭ يۇەن فاڭ تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ شوپۇرى جاڭ ×× نىڭ ھەرىكىتىدە زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغانلىقىنى دەلىللىگەن.

  ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۇچۇڭ ناھىيەلىك تىرانسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دەرھال بۇ شىركەتنىڭ ماشىنىسىنى تىجارەتتىن توختىتىپ تەرتىپكە سالغان ھەمدە قانۇن بويىچە شوپۇر جاڭ ×× نىڭ يولۇچى تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر