باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق سېرىك ماھىرلىرى خەلقئارا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2017.02.08 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىدىن ئىگىلىشىچە، 6- فېۋرال ئاياغلاشقان مونتېكارلۇ «يېڭى ئەۋلاد» ياشلار-ئۆسمۈرلەر خەلقئارا سېرك مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو سېركچىلەر جەمئىيىتى تاللاپ ئەۋەتكەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ شاڭخەي سېرك مەكتىپىدە ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان «ھۆددىسىدىن چىقىش » (ئېلاستىك بادرا ئويۇنى) بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ بىردىنبىر ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن ئەۋەتىلگەن 20 نەچچە نومۇر بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ شاڭخەي سېرك مەكتىپىدە ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقان تۆت ئوقۇغۇچىسى قەدىردىن قەيسەر، مۇرادىل ئادىل، مەردان مەمەت، دىليار ئۆمەر «ئىككى قېتىم قوش كىشىلىك قوش موللاق ئېتىش»، «ئۈچ قېتىم 1080 گىرادۇسلۇق موللاق ئېتىش»، «تۈگۈلۈپ بوشلۇقتا ئارقىچە ئۈچ موللاق ئېتىش» قاتارلىق قىيىنلىقى يۇقىرى بولغان ھەرىكەتلەرنى ماھىرلىق بىلەن ئورۇنداپ، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 0 سەۋەنلىك بىلەن پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئەنۋەر مەمەت: «بۇ ئالتۇن مېدالنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى 1962-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات»، دېدى.

  ئىگىلىشىمىزچە، مونتېكارلو خەلقئارا سېرك بايرىمى 1974-يىلى مونتېكارلو كېنەزى راينىير ئۈچىنچى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى سېرك مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر