باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خېجىڭ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان سۈلەيسۇننى قۇتقۇزۇۋالدى

2017.02.07 17:04   مەنبە: خەلق تورى

خېجىڭ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان سۈلەيسۇننى قۇتقۇزۇۋالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: 5-فېۋرال، خېجىڭ ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بالغۇنتاي مەركىزىي باشقۇرۇش – قوغداش پونكىتى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى تاپشۇرۇۋالدى، تېلېفوندا بىرسى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا يارىلانغان ياۋايى ھايۋان بارلىقىنى ئېيتتى. ئورمانچىلىق ئىدارىسى خادىملىرى دەرھال دېگەن يەرگە يېتىپ بېرىپ، بۇ ھايۋاننى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىغا ئېلىپ كەلدى، پەرقلەندۈرۈشتىن قارىغاندا بۇ ھايۋان دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان سۈلەيسۈن بولۇپ، ھازىر پونكىتتا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇلدى، يارىسى ساقايغاندىن كېيىن تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خېجىڭ ناھىيەسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۈندىدار، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن-نىزاملىرى شۇنداقلا يۇقۇم ۋە يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارغا ئائىت بۇيۇملارنى سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشىغا ۋە كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار شۇنداق مۇراجىئەت قىلىدۇكى، ياۋايى ھايۋانلارغا بولغان ئەڭ ياخشى قوغداش ئۇلارنىڭ نورمال ياشىشىغا دەخلى قىلماسلىق، ياۋايى ھايۋانلار ئەزالىرىدىن ياسالغان نەرسە، بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىق، ياۋايى ھايۋانلارنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باقماسلىق، ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى قەتئى چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلايدىغان، ئۆلتۈرىدىغان، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارغا ئائىت بۇيۇملارنى سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قەتئى زەربە بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغ…
    ·ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەر…
    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسل…
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى
    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ