باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆججەت چىقىرىپ سودىيە، سوت ياردەمچى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتتى

2017.02.08 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 7-فېۋرال «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوغداش بەلگىلىمىسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، سودىيە، سوت ياردەمچى خادىملىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ چارە جەمئىي 24 ماددا بولۇپ، دېلو بېجىرىشكە ئارىلاشماسلىق، جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش مېخانىزمى، قۇتقۇزۇش يولى، ئادىل باھالاش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، دەم ئېلىش ھوقۇقى، مائاش كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىكەن، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەنە قانۇن يۈرگۈزۈش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش كاپالىتىنىڭ ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىپ، قانۇننى دېلو ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

  چارىدە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: سودىيە قانۇن بويىچە دېلو بېجىرگەندە مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ، ھەر قانداق ئورۇن، شەخسنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ياكى تەرتىپكە خىلاپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار، شۇنداقلا مەركەزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. سودىيەنىڭ كەسپىي سودىيەلەر يىغىنىغا قاتنىشىشتىن باشقا، تېخى دەۋا تەرتىپىگە كىرمىگەن دېلو ياكى ئۆزى قاراپ چىقىشقا قاتناشمىغان دېلولار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر