باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى ۋەكىل، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى

2017.02.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7-فېۋرال سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، 2016-يىلى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 7873 تەكلىپى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 3862 تەكلىپىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %91.5 ۋە %90.9نى ئىگىلىگەن. ۋەكىللەر، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىرى ياكى تەدرىجىي ھەل قىلىشنى پىلانلانغانلىرى ئومۇمىي ساننىڭ %81.9نى ئىگىلىگەن.

  2016 -يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىر تەرەپ قىلغان تەكلىپلەر 2015-يىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىپ، تەكلىپ سانى سەل ئازلىغان. مەزمۇن جەھەتتە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تېزىسىنى يولغا قويۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يۆلەش-ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1144 تەكلىپنى، مالىيە مىنىستىرلىقى 769 تەكلىپنى باشلامچى بولۇپ بولۇپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭغا باشقىلار بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلغانلىرىنى قوشقاندا ئىككى تارماقنىڭ بېجىرگەن تەكلىپ پىكىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3090 ۋە 4212گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار باشلامچى بولۇپ بىر تەرەپ قىلغان ۋە باشقىلار بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلغان تەكلىپلەر 1000دىن ئاشقان. يېقىندا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى، بېجىرگۈچى تارماقلار ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ چۈشىنىشىنى سورىغان. تارماقلارنىڭ ئەھۋالنى ئىستاتىستىكىلاش دوكلاتىغا قارىغاندا، ھەر قايسى تارماقلار ۋەكىل، ئەزالارنىڭ 3000دىن ئارتۇق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1300دىن ئارتۇق ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر