باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سىن يىغىنى ئېچىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېدى

2017.02.08 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۈگۈن تېلېۋىزىيە سىن يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ 162- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى يولغا قويدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  خۇاڭ شۇشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى باش بولۇپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەسئۇل بولىدىغان، تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار قاتناشقان ھالدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر