باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى تېزلىتىدۇ

2017.02.08 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا «يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىشنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) كۆلىمىنى 1 مىليارد 100 مىليون كىۋادرات مېتىر كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: تېيىز قاتلام يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) كۆلىمىنى يەنە 700 مىليون كىۋادرات مېتىر كۆپەيتىدۇ، ئىسسىق سۇ تىپىدىكى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) كۆلىمىنى يەنە 400 مىليون كىۋادرات مېتىر كۆپەيتىدۇ. 2020-يىلىغا بارغاندا، يەر ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) كۆلىمىنى 1 مىليارد 600 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئاشۇرىدۇ.

  يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، زاپاس مىقدارى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىغان، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھازىر، ئېلىمىزنىڭ تېيىز قاتلام ۋە ئىسسىق سۇ تىپىدىكى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) تېخنىكىسى ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىگەندە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، تېيىز قاتلام يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش(سوۋۇتۇش) ئارقىلىق 140 مىليارد يۈەن، ئىسسىق سۇ تىپىدىكى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق 80 مىليارد يۈەن، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدە توك ھاسىل قىلىش ئارقىلىق 40 مىليارد يۈەن، جەمئىي 260 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن. 2020-يىلى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىدىن يىللىق پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارى تاشقاتما ئېنېرگىيەسىنىڭ 70 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر سەرپىياتىغا تەڭ بولۇپ، 170 مىليون توننا كاربون (IV) ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بېرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر