باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى

2017.02.08 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  ئېكولوگىيە بوشلۇقى ـــ تەبىئىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئېكولوگىيە مۇلازىمىتى ياكى ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي فۇنكسىيە قىلغان تېررىتورىيەلىك بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، دەريا، كۆل، ساھىل، قىرغاق لىنىيەسى، دېڭىز-ئوكيان، قاقاسلىق، چۆللۈك، چۆل-باياۋان، مۇزلۇق، ئېگىز تاغ تۇندىرا، ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ـــ ئېكولوگىيەلىك بوشلۇق دائىرىسىدە ئالاھىدە، مۇھىم ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە، چوقۇم مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك قاتتىق قوغدىلىدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە قوغداشنىڭ ئاخىرقى چېكى ۋە جان تومۇرى، ئادەتتە مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، دېڭىز قىرغىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە مۇھىم ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايون، شۇنداقلا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، يەرنىڭ قۇملىشىشى، تاشلىشىشى، شورلىشىشى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى نازۇك، ئاجىز رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ئاجىز، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە قاتتىق قوغداش، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېشىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر