باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقىتىپ، ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

2017.02.08 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتلەر كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋاكسىنا باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىرىنچى، دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى ۋاكسىنا تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مالىيە ئۈستىگە ئالالايدىغان 2-تۈردىكى ۋاكسىنىلارنى دۆلەت ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ۋاكسىنا ئەملىگەندە كۆرۈلگەن نورمالسىز ئىنكاسقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملىگەندە نورمالسىز ئىنكاس كۆرۈلگەنلەرگە سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى ۋە بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىچە ۋاكسىنا بولۇپمۇ يانداش كۆپ ۋالېنتلىق ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى قوللاپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكسىنا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر