باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تارماق بىرلىشىپ پىكىر تارقىتىپ دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى

2017.02.08 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ «دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. «پىكىر»دە دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت يەر بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تېجەپ، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئايرىپ بېرىلگەن يەرنىڭ ئالاقىدار جامائەت مۇلازىمەت تۈرىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىغا يەر ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە يەر بەرگەندىن باشقا، ئۆزى ئىختىيار قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، سېتىپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەر بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ چىقىرىش ياكى پاي قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەر بېرىشنى قوللاپ، تۈرنى مۇكەممەل يەر-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي مىقدارى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ كارخانىغا ئايلانغانلار ئىشلىتىۋاتقان ئەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىشقا ئايرىپ بەرگەن يەرلەر، تۈزۈم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن يەر ئايرىپ بېرىش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ھەقلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە يەر مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش، يەر ئايرىپ بېرىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىسىگە ئۇيغۇن كەلسە داۋاملىق يەر ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىتىش ياكى ھەقلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە يەر مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر