باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«13-بەش يىل»دا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 937سى بار

2017.02.08 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 937سى بار بولۇپ، پىلاندا ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 22 مىليارد 800 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 12 مىليارد يۈەن بار ئىكەن.

  «13-بەش يىل»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ % 20 تىن يۇقىرى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، بىڭتۈەن نامرات تۈەن –مەيدانلارنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش، شەھەر (بازارلاشتۇرۇش) قۇرۇلۇشى، مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى، داۋالاش-سەھىيە، پەن–تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى قوللاش ئۈچۈن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە 4 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، 16 مىڭ 200 نامرات ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىنىڭ بىڭتۈەن بىلەن بىرلىكتە تەڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلان مەبلىغىنىڭ %30ى كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرلىرىگە سېلىنىدۇ، بولۇپمۇ 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان تۈرلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىلى بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 294ى يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %100 بولغان؛ جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد 822 مىليون يۈەن بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %105.63 بولغان، نەقلەشكەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 2 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %100 بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر