باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلاندا تاماق بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ياكى ئازايتىشنى قارار قىلدى

2017.02.08 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەش بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، تاماق بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ياكى ئازىيىشنى قارار قىلدى.

  «ئەرەب ئاخبارات تورى»دا 5- فېۋرال كەچتە خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنداق قارار چىقاردى: يولۇچىلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ ۋە ئازايتىلىدۇ، مەزكۇر بەلگىلىمە ئايروپىلان خادىملىرىغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. دوكلاتتا دېيىلىشىچە: كېچە سائەت نۆلدىن باشلاپ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10غىچە، نۆۋەتچى ئايروپىلاندا ئەسلىدىكى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەشتىن ئاددىي تاماق بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىچىملىك، پېچىنە ۋە ساندىۋىچلارلا بار. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بولسا، پايتەختى رىياددىن فىرانكفورت، مىلان، پارىژ، مىيۇنخېن قاتارلىق شەھەرلەرگە ۋە جىددەدىن مانچېستېر، مادرېد، مىيۇنخېن، پارىژ، فرانكفۇرت ۋە مىلان قاتارلىق شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدا ئېيتىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيەلەر، يەنى رىياد، جىددە ۋە دەممام ئارىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلان خادىملىرىنى ساندىۋىچ ۋە مېۋە بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن، تاڭ سەھەر سائەت 3دىن 6گىچە ياۋروپاغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا، ئايروپىلان خادىملىرىنى ئىسسىق تاماق بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر