باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۆبە يەسلى ئېچىش تەدبىرى قوللاشقا ئېرىشتى مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقى ئاشتى

2017.02.08 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسى يېقىندا 2017- يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۆبە يەسلى ئېچىش قوللاشقا ئېرىشىدىكەن.

  خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يەسلى ئېچىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئەلا مەكتەپلەردە شۆبە مەكتەپ قۇرۇشنى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۆبە يەسلى ئېچىشنى، ھازىرقى يەسلىلەرنىڭ سىنىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشنى قوللايدۇ. شەھەر دەرىجىلىك مالىيە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ يەسلى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەل ئارا كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ گۇرۇھلىشىپ يەسلى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  شۇنداقلا، بېيجىڭ شەھىرىدە «كىنىشكىسىز يەسلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئىدارە قىلىپ يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە خىزمەت پىكرىنى تۈزەپ، قانۇنسىز يەسلى ئېچىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر