باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2017-يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.02.08 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 2017- يىل 2- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 45 ئەزاسى قاتناشتى، 162 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 9- ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشىخانىسىنىڭ خادىملىرى يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا 2016- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2017- يىللىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش شۈ خەيرۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا شۇجى چېن چۈەنگونىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە يىراق كۆزلەنگەن، ئومۇمىيەت ئىگىلەنگەن بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىشەنچكە تولغان، كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇنىڭدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بېرىش، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىنقىلابىي جاسارىتى، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بۇرچى، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە- پەزىلىتى تولۇق نامايان قىلىندى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىۋىلىك، ئىدىيەۋىلىك، نەزەرىيەۋىلىك ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. شۇجى چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن روشەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا روشەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، %99.67 ئامما رازى ياكى نىسبەتەن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ 2015- يىلىدىكىگە قارىغاندا 5.77 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. سۆزدە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك كاپالەت، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتىكى رېئال ئېھتىياج، كىشى قەلبىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتىكى ماھىيەتلىك تەلەپ. بۇ يىلقى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قەتئىي سادىقلىقنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچى تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، كۆزىتىش خەنجىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىكتىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى يوقىتىش، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى بېكىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادتا ساداقەتمەن، ھەرىكەتتە ياۋاش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلدا دۇرۇس، خەلققە خىزمەت قىلىشتا غەمگۇزار، ئىتتىپاقلىققا تۈرتكە بولىدىغان، ئىنتىزامدا تەلەپچان، پاك- دىيانەتلىك كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. شۇجى چېن چۈەنگونىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، توغرا ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 2016- يىلى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئىنتىزام تەربىيەسى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى، تەشكىلىي ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى روشەن كۈچەيتتى. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە 213 پارتىيە تەشكىلاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، كۆزىتىش خەنجىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. ئىستىل قۇرۇلۇشىدا «ئۈچنى تەرتىپكە سېلىش»نى يولغا قويۇپ، «تۆت خىل خاھىش» ۋە يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خىل خاھىش»، ئورگان كادىرلىرى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى «تولۇق بىر تەرەپ قىلىش»، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا «قىلچە يۈز خاتىر قىلماسلىق»، ئەرزنى قايتا تەكشۈرۈشتە «قىلچە ئىككىلەنمەسلىك»كە كاپالەتلىك قىلدى. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى، پاك- دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىنى، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈردى. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا نازارەتچى ئەۋەتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئادەمنى ياخشى تاللاش، ئادەمنى ياخشى ئىشلىتىش، ئادەمنى ياخشى باشقۇرۇشقا كۈچەپ، كۈچلۈك تەدبىر ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان «پولاتتەك قوشۇن» بەرپا قىلىشقا تىرىشتى.

  ئومۇمىي يىغىندا نۆۋەتتىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ئاساستا ئانالىز قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈم قەپىزىنى مۇستەھكەم توقۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «تۆت خىل خاھىش»نى ئۈزلۈكسىز تۈزەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي بوشاشماي جازالاپ، چىرىكلىك يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مۇھىم، باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشەلمەسلىك تۈزۈمىنى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق توسمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە توغرا كەيپىياتنى بارغانسېرى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى جانلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق قەلبىنى كۈچلۈك لەرزىگە سېلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ توپلىدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ. ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە ئېڭى ۋە ئىنتىزام ئېڭى ئاجىز، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك؛ «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، يوشۇرۇن يۈز بېرىۋاتىدۇ، «تۆت خىل كەيپىيات» مەسىلىسى بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالدى؛ چىرىكلىشىش ھادىسىسى يەنىلا يوشۇرۇن باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر تەكرار، كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ؛ پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماسلىق، يۇقىرىدىكىلەر كۈچلۈك تەخىرسىزلىك ئىدىيەسى بىلەن ئىشلىسە، تۆۋەندىكىلەر بەخىرامان يۈرۈيدىغان ھالەت ھېلىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دەيدىغان ئىدىيەنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلاستىكلىقنى ساقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، توغرا كەيپىيات، قاتتىق ئىنتىزامنى قەتئىي توختىتىپ قويماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەققانىيەت كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل، شۇڭا ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ گەرچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، «تۆت خىل خاھىش»، «تۆت خىل كەيپىيات»نى ئۈزلۈكسىز تۈزەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي بوشاشماي جازالاپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا سىياسىي ئېكولوگىيەنى پائال يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش ئاساس. «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە مىزان»نى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئۆگىنىش، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، تولۇق چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «مىزان»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەشغۇلات تۈزۈمىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى باشقۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «مىزان»نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچىمىگەن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا قاتتىق، ئەستايىدىل بولمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مۇھىم كاپالەت. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچلۈك ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلىدى، شۇڭا ئۇنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىجرا قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ، دائىم نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى نازارەت قىلىشقا مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىشتىكى سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە، تەۋەلىك دائىرىسىدىكى پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى ۋە قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ تەڭ دەرىجىدىكى پارتكوم، بولۇپمۇ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ «ئىككىنى ئاساس قىلىش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاز دېگەندە يېرىم يىلدا بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا خىزمىتىدىن بىر قېتىم دوكلات بېرىش، يىلدا بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ۋەزىپىسىدىن دوكلات بېرىش چارىسى، تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىدۇر. ئىنتىزام تەلىپىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دائىملىق باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىپ، «يەتتە خىل غەرەزدە بولۇش»، «بەش مەسىلەن» ۋە «بەش جەزمەن»گە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، قوشۇلۇپ كەتكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي ئاڭ يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمى، رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم شەخسىي ئىش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ كادىرلار سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىستىلنى ياخشىلاش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز. «نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك ئىستىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «سۆز قىلىشنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئون چوڭ تەرتىپكە سېلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ۋە ياخشى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش بىلەن قۇرۇلۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. «تۆت خىل كەيپىيات» مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى شوئار قىلىۋېلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي توسۇش ۋە يېڭىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكى ئىشتىن نەپ ئېلىش، ئاۋامدىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش، ئومۇمنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «كەنت زومىگىرى» ۋە ئۇرۇقداشلىق رەزىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  بەشىنچى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا. «ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى <تۆت خىل ھالەت>نى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلىك دېلوسى قالدۇقلىرىنى قەتئىي ئازايتىپ، چىرىكلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى نۇقتىلىق توسۇش كېرەك. سىياسىي چىرىكلىك ۋە ئىقتىسادىي چىرىكلىك دېلولىرىنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «ئۈچ خىل كىشى»لەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئۈچ خىل ئەھۋال تەڭلا كۆرۈلگەنلەرنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان 2017» ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دېلونى تەكشۈرۈپ بېجىرىشتە ماھىيەتتىن تۈزەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پۇشايمان خاتىرىسىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنى تەربىيەلەش كېرەك. پاكلىق، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ «ھوقۇق تىزىملىكى»، «مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا، تەرتىپلىك يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىنىش، ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ئالتىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ياخشى ئىدارە قىلىش، ياخشى باشقۇرۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىشى؛ ئاساسلىق مەسئۇللار «بىرىنچى مەسئۇللۇق» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «باشقىلارغا بۇيرۇق سوقۇپ، ئۆزى ھېچ ئىش قىلمايدىغان» رەھبەر بولماسلىقى؛ بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى مەسئۇل خىزمەتلەرنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرغان، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتمىغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى يېتەرلىك بولمىغان، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ساقلانغان مەسىلە گەۋدىلىك، چىرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر، قىلىدىغاننى قىلماي، قىلمايدىغاننى قىلغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا ياماندىن قورقماي، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشى؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكنى سۈرۈشتۈرمەسلىك، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە قاتتىق بولمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  يەتتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھالقىلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا چەكلەش؛ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە تەشكىلىي تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش؛ ساپانى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، دەۋر رىتىمى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى(سىناق نۇسخىسى)»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا بېسىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاكتىپ بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش چاقىرىق قىلىندى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر