خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى تۆمۈريول يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى بېيجىڭ ئەترىتى 3-گۇرۇپپىسىدىكى مۇلازىمەتچى تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان Z70- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (2- ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).
چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە قاتنايدىغان ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى قېتىملىق پويىز بېلەتلىرى تەدرىجىي يېتەرلىك بولغان. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپكە قايتىشىنىڭ تەسىرىدە، بىر قىسىم ئاۋات لىنىيەلەرنىڭ پويىز بېلىتى قىس بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ كارىۋات ۋە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق پويىز بېلىتى ئاساسەن سېتىلىپ بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى