باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا مەركەزگە قاراشلىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى سىرتقا يۆتكەش تەدبىرى قوللاشقا ئېرىشتى

2017.02.08 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسى يېقىندا 2017- يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي مەكتەپلەرنى يۆتكەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ھەمدە بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېي مائارىپىنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەرەققى قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرى مەركىزى شەھەر رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ شەھەر ئالتە رايونىنىڭ سىرتىدىكى پىڭيۈەن يېڭى شەھەر رايونى ۋە تاغ رايونلىرىغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

  بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قانچە شەھەر تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۆتكەش تۈرىنىڭ يولغا قويۇشىنى تەتقىق قىلىدۇ. شاخې ۋە لياڭشياڭ ئالىي مائارىپ باغچە رايونىنىڭ پىلان لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنىڭ سىرتقا يۆتكىلىشىنى قوللايدۇ. شەھەر تەۋەلىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، بېيجىڭدا يېڭىدىن ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى تەسىس قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالتە رايونىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنى تەڭشەپ ئازايتىش ۋە يۆتكەش كۈچەيتىلىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى كۆچۈرۈش، شۆبە مەكتىپىنى قۇرۇش ۋە بىرلىشىپ مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىرتقا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىدۇ.

  شەھەر مەمۇرىي مەركىزىنىڭ مائارىپ يۈرۈشلەشكەن كاپالەت سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ بۇ يىل شەھەر مەمۇرىي مەركىزىنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرى مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ تاماملايدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، بېيجىڭ جىڭشەن مەكتىپى، بېيجىڭ شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ توڭجۇ رايونىدا مەكتەپ رايونى قۇرۇشىنى قوللايدۇ. شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇڭچېڭ رايونى، شىچېڭ رايونى، خەيدىيەن رايونى ۋە تۇڭجۇ رايونىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر