باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2017.02.07 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى تارقىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەرەققىيات رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئۇ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇردى، تەرەققىيات رايونى ئېلىمىزنىڭ سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر-بازارلىشىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە كەسىپلەر ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا چوقۇم تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى توپلىنىش تەسىرى ۋە ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر