- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر يىلغىچە يۇيۇنماي ۋە ئۆيدىن چىقماي 500 مىڭ كىشىنىڭ بانكا ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان خاككىر ئايال تۇتۇلدى
2017.02.09 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: نەچچە كۈن ئالدىدا، زېڭ فامىلىلىك ئايال خاككىر كرېدىت كارتا ئالدامچىلىقى بىلەن جاۋچىڭدا قولغا ئېلىندى. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، توردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلگەن بۇ ئايال خاككىر تۇتۇلغان چاغدا، ساقچىلار ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدا «تۆت مۇھىم نەرسە» (ئىسىم-فامىلە، بانكا كارتا نومۇرى، كىملىك نومۇرى، بانكىغا ئالدىن قالدۇرغان تېلېفون نومۇرى) خاتىرىلەنگەن بانكا كارتىسى ئۇچۇرلىرىدىن 500 مىڭ تالدىن ئارتۇقى ساقلانغانلىقىنى بايقىدى.
باشتا بۇ ئايال «قەرز ئېلىم-بىرىم گۆھىرى تېرمىنالى»دا مەشغۇلات قىلىدۇ. كېيىن ئۇ بىر ئوچۇم «بانكا كارتىدىكى پۇلنى ئوغرىلاش» مەشغۇلاتىنى قىلدىغان ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەلۋىلەرچە QQ توپلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ بانكا كارتىسى ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە قولغا چۈشۈرگەن ئۇچۇرلىرىنى «كارتا سۈركەپ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئوغرىلايدىغان» كىشىلەرگە سېتىپ بېرىدۇ.
دېلوغا مەسئۇل ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل جىنايەتچىلەر پەقەتلا ئىسىم-فامىلە، بانكا كارتىسى نومۇرى، ئۈنۈملۈك مۇددىتى، كارتا كەينىدىكى ئۈچ خانىلىق بىخەتەر نومۇر ۋە تېلېفوندىكى دەلىللەش نومۇرىنى بىلسىلا، كرېدىت كارتىنى ئوغرىلاپ، ئىچىدىكى پۇلنى يۆتكىۋالىدىكەن. دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشىش پۈتۈن جەرياندىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدىكەن. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تېلېفونغا ۋىرۇسلۇق ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق، دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشىدىكەن. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىرلەشمە مودېم ياكى ساختا ئىستانسا ئارقىلىق ۋىرۇسلۇق ئۇلانما بار نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرنى شەخسلەرنىڭ تېلېفونىغا ئەۋەتىدىكەن. ئەگەر بىرەرسى چېكىپ قالسىلا، دەلىللەش نومۇرى دەرھاللا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشىدىكەن، ئوغرىلانغۇچى بولسا بۇنى تۇيمايدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر