باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېزىلاردا كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشتا بىخۇدلۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

1999-يىلىدىن كېيىن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىشلەتكەن ئۆيلۈك يەر تىزىمغا ئېلىنمايدۇ

2017.02.09 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرغا قەدەر، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم شەھەر- ناھىيەلىرىدىن سىرت، مەملىكەت بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى «يېڭىنى تارقىتىپ، كونىنى توختىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشتى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر تەۋەلىكى مەھكىمىسى (كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى) نىڭ مەسئۇلى يېقىندا يۇقىرىقىلارنى بايان قىلغاندا، مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئايرىم جايلاردىكى يېزىلاردا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەسئۇل يولداش مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئۆي ئورنى ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، غەيرىي دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى (شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئۆيلۈك يەرلەرگە قارىتا ھوقۇق تەۋەلىكىنى قانداق بېكىتىپ تىزىملاش قاتارلىقلارلار ئۈستىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ مەسئۇل خادىم تەكىتلەپ، 1999-يىلىدىن كېيىن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئىشلەتكەن ئۆيلۈك يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ تىزىملانمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر