باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن سرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ بىلەن سرى لانكا زۇڭلىسى ۋىكرېماسىڭخا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017.02.08 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سرى لانكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. مەن جۇڭگو- سرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سرى لانكىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى تەرىپلەيمەن، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەل ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- سىرى لانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىش، ئۇزاق يىللىق دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن سرى لانكا زۇڭلىسى ۋىكرېماسىڭخا 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر