باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشتەك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2017.02.09 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 8-فېۋرال قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «داۋالاش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش پىلانى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا، 2017-يىلى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ كېلىشىپ داۋالىنىش نىسبىتى%50كە، قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى قايتا كۆرۈنۈشكە كېلىشىش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى. ھازىر، قاپلىنىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، مەملىكەت ئىچىدىكى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار كېلىشىپ داۋالاشنى يولغا قويغان، لېكىن %50كە يەتكۈزۈش نىشانى بىلەن بەلگىلىك پەرق باركەن.

  جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش قانۇن، ئەخلاق، ئىجتىمائىيغا چېتىلىدۇ، بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە. خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار ھەر قانداق شەكىلدىكى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى مەنئى قىلىدۇ، ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشقا قاتناشقان ئاپپارات ۋە خادىملارغا ئىقتىسادىي ۋە جىنايى جازا بېرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىلگىرىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇيرۇق شەكلىدە «ئىنساننىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشىنى قەتئىي چەكلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشقا چېتىشلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىسمەن ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئېلىمىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشتەك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىش تېخنىكا مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر