باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇلتۇر 20 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى

2017.02.09 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: بۇلتۇر، خەلقئارادىكى ئالتۇن باھاسىدا ئازراق ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئېلىمىزدىكى كان مەھسۇلاتلىرى چوڭ بازىسى بولغان شىنجاڭدا 20 توننا 530 كىلوگىرام ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كەسپىدە پايدا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بەزى بىر كۆلىمى كىچىك، رۇدا سۈپىتى تۆۋەن كارخانىلار تاقىلىپ قالغان، بەزى بىر يېڭى سېلىنىۋاتقان تۈرلەرمۇ سېلىنىشتىن توختاپ قالغان ياكى سېلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان، ئۆز قەرەلىدە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرالمىغان ئىدى.

  بۇلتۇر شىنجاڭدىكى بەش چوڭ ئالتۇن قېزىش رايونى بويىچە، ئالتاي ۋە قۇمۇلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5 ۋە %10 تۆۋەن بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلى، تۇرپان، چۆچەكلەردە ئېشىش ھالىتىدە تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %40 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىمۇ بەس–بەستە ئېشىش بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە «جىن چۈەن كان سانائىتى»نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا %60، «جېڭ يۈەن خەلقئارا شىركىتى»نىڭ %30 ئېشىش بولغان.

  بۇ يىل مۆلچەرلىنىشىچە، شىنجاڭدا 22 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن ۋە بۇلتۇرقىدىن %7.3 ئاشۇرۇلىدىكەن. سېتىش قىممىتى 6 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن %8.1 ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئون چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 28 ئالتۇن كان بايلىقى بەلبېغى بار، ھازىرغىچە بايقالغان ئالتۇن كېنى نۇقتىسىدىن 600 نەچچىسى بار، ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئالتۇن بايلىقى مىقدارى 207.48 توننىغا يېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر