باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە سېلىنمىسى ھالقىما ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2017.02.09 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت سەھىيە سېلىنمىسى ھالقىما ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان: 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش چىقىمى 1 تىرىليون 320 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2015-يىلدىكىدىن %10 ئېشىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى 2008-يىلنىڭ 4.1 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش-سەھىيە چىقىمىنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.0 ئاشقان.

  نۇرغۇن كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيەگە سالغان بۇنچە كۆپ مەبلەغنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكىگە قىزىقتى. مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مالىيە مەبلىغى ئىككى چوڭ ساھەنى نۇقتىلىق يۆلەيدۇ، بىرىنچىسى ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

  ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى 2010-يىلىدىكى ھەر بىر كىشىگە يىلدا 120 يۈەن بېرىشتىن، 2016-يىلى 420 يۈەن بېرىشكە ئۆستۈرۈپ، 2.5 ھەسسە ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ، سۇغۇرتا بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى راسخوت ئۆلچىمى 2009-يىلدىكى 15 يۈەندىن 2016-يىلى 45 يۈەنگە ئۆستى. ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى ساغلاملىق ئارخىپى قاتارلىق 12 خىل 47 تۈر بويىچە ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق جەريانىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چىقىم قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى. ئېلىمىز قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇمىي خەلق ئاساسىي داۋالىنىش تورى توقۇپ، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىش جەھەتتە، مەركەز مالىيەسى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا يىلدا ھەر بىر ناھىيەگە 3 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەردى؛ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى نۇقتىدا ئىسلاھات قىلىدىغان شەھەرلەرگە بىر قېتىمدىلا 20 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەرگە قاراشلىق رايونلارنىڭ ھەر بىرىگە يىلدا 10 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر