باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.02.09 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىساد يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىش قارار قىلىندى؛ بىناكارلىق كەسپىنىڭ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا ئائىت سىياسەت-تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش بېكىتىلدى؛ «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى زور كۈچ بىلەن ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 2013-يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ھەقنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، مەركەز كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرىدىن 496نى بىر تۇتاش ئەمەلدىن قالدۇردى، ئېلىشنى توختاتتى، كەچۈرۈم قىلدى، يەرلىك 600 دىن ئارتۇق تۈردىن ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 2015-يىلدىن بۇيان تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا راسخوتىنى ئازايتىشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى. لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ھازىر ھەق ئېلىش نامى كۆپ بولۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە ئازايتىپ، بىر تۈركۈم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئېنىقلاش تەدبىرلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈپ چىقىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىشى، كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەزا قىلىشى ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەل ئېلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ھەق ئېلىش كاتالوگى تىزىملىكى تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئازايتىش كېرەك. كارخانا ۋە ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، بازارغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر