باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى لى گولى ۋە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېي پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

لى گولى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك بىررەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە چۈشۈرۈلدى،دۇ يۈپېي مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىرىلدى

2017.02.09 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى لى گولى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېينىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسىگە دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقتى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق يولداش لى گولىنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىسىرى، يولداش دۇ يۈپېينىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كۈچلۈك بولماي، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ياخشى ئادا قىلماي، قاراشلىق ئورۇنلاردا سىستېمىلىق چىرىكلىشىش مەسىلىسى ساقلانغانلىقى بايقالدى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يولداش لى گولىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىگە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئارقىلىق يولداش لى گولىغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىش، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەنگە ئۇنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش تەكلىپى سۇنۇپ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك بىررەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە چۈشۈرۈش، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش چارىسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراب قىلىنىدۇ.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يولداش دۇ يۈپېينىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىگە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش دۇ يۈپېيگە پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، مۇددەتتىن پېنسىيەگە چىقىرىشنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر