خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2ئاينىڭ 6- كۈنى، بىر ئايال ئامېرىكا سېئاتىلدىكى تاكوما خەلقئارا ئايرودرومىدا، ئىراندىن ئامېرىكىغا كەلگەن تۇغقانلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە 9-سەييارە نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى 5-فېۋرال سەھەردە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىق ئەرزى مەزگىلىدە «روبارت كېسىمى»نى ئىجرا قىلىشنى جىددىي توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى ترامپ ئىمزالىغان چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھازىرچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ترامپ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى زۇڭتۇڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى ئىمزالاپ، 120 كۈن ئىچىدە دۇنيا بويىچە مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى؛ 90 كۈن ئىچىدە ئىران، سۇدان، سۇرىيە، لىۋىيە، سومالى، يەمەن ۋە ئىراق پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى؛ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى مۇددەتسىز مەنئى قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى