باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىش نومۇرىنى مۆلچەرلەشكە ئىشەنگەن سانجىلىق ئەر 200 مىڭ يۈەنگە ئالداندى

2017.02.10 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زور سوممىلىق لاتارىيە مۇكاپاتىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن، بەزى لاتارىيە ئوينىغۇچىلار لاتارىيە نومۇرىنىڭ مۆلچەردىكىدەك چىقىش مۆجىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشىنىپ قالىدۇ. بەزى بىر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار دەل مۇشۇ خىل پىسخىكىدىن پايدىلىنىپ، توردا «مۇكاپات چىقىدىغان نومۇرنى تېپىپ بېرىش»تەك ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن، لاتارىيە ئوينىغۇچىلارنىڭ پۇل، مېلىنى ئالدايدۇ.

  جاڭ فامىلىلىك سانجىلىق ئەر 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈندىداردىكى دوستىنىڭ «ھەر سائەتتە بىر لاتارىيە» مۇكاپات نومۇرىنى تېپىپ بەرمەكچى بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۈندىدار ۋە چىقىمداندىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي 188 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بېرىپ، ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن 5-فېۋرال سائەت 14دە دېلو مەلۇم قىلغان. ھازىر دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  دېلوغا مەسئۇل ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ خىل كىشىلەرنى لاتارىيە تارتىشقا قىزىقتۇرۇپ، پۇلىنى ئالدايدىغان دېلولار كۆپ يۈز بەرگەن. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۆزىنى مۇكاپات چىقىدىغان نومۇرنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان مۇتەخەسسىس سىياقىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئالدانغۇچىلارنىڭ «بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىش چۈشى» پىسخىكىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدانغۇچىلارنى كۆرسىتىلگەن تورغا چىقىش، ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇش، APP تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا پۇل قاچىلاشقا يېتەكلەپ، بەلگىلەنگەن مۇكاپات نومۇرىنى ئالغۇزۇش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدۇ.

  ساقچىلار لاتارىيە ئوينىغۇچىلارنى: ئالدامچىلارنىڭ ئالداش ۋاسىتىلىرىنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈش، لاتارىيە ئويناشتىكى روھىي ھالىتى توغرا بولۇش، ئۈندىداردا ياكى QQدىكى «ئاتالمىش» دوستلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر