باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئالتە نەپەر خىزمەتچى خادىمى ئافغانىستاندا قەتلىگە ئۇچراپ ئوق تېگىپ ئۆلدى

2017.02.09 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى لامىن ئاياز مۇھەممەد 8- فېۋرال كابۇلدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ ئالتە نەپەر خىزمەتچى خادىمى شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى جەۋزجان ئۆلكىسىدە سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىقلار تەرىپىدىن قەتلىگە ئۇچىراپ ئوق تېگىپ ئۆلدى.

  بۇ ۋەقەنى كۆزدە تۇتۇپ، جەۋزجان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئەزىز شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى دەلىللىدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ سەككىز نەپەر خىزمەتچى خادىمىنى تۇتقۇن قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئىككى ئادەمنى ئېلىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.

  ئەزىز مۇنداق دېدى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەممىسى ئافغانىستانلىق. ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇ ئىككى نەپەر خادىمنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە قاتىللىق قىلغۇچىلارنى قانۇن تورىغا چۈشۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر