باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئەھۋاللىرى چوقۇم ئىككى سائەت ئىچىدە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەك

2017.02.10 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نىزامى› چارىسى»دە، تەبىئىي ئاپەتتە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى زور دەرىجىدىكى ئېغىر مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققان بولسا، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئاپەت يۈز بەرگەن ۋاقتى، تۈرى، ئاپەتكە ئۇچراش دائىرىسى، زىيان ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان ئىككى سائەت ئىچىدە، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرىغا يوللىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گوۋۇيۈەننىڭ «تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە چارە تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ھالقىلار ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر