- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى
2017.02.10 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 9-فېۋرال مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان تەبرىك خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىمىز.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ترامپ 8-فېۋرال رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ۋە جۇڭگو بىلەن قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەنگە ئوخشاش، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ھەمكارلىشىش جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر