باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقىتىپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىشلىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردى

2017.02.10 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىشلىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزۈش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇتۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىشلىتىش زەنجىرى بويىچە سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دورا بىلەن تەمىنلەشنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دورىنىڭ كېسەل داۋالاش تەبىئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دورا باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، خەلقنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا دورىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇھىم ھالقا. بىرىنچى، دورىنى بازارغا سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى قاتتىق تۇتۇپ، يېڭى دورىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا كىلىنىكىدىكى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىلىنىكىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېڭى دورا ۋە كەمچىل دورىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تىزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، بازارغا سېلىنغان تەقلىدىي دورىلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىردەكلىك باھاسىدىن ئۆتكەن دورىلارغا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، بازارغا سېلىش ئىجازىتى ئالغانلار تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دورىلارنى ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا، ناچار دورىلارنى ياساش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بەشىنچى، تېببىي دورا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش قايتا تەشكىللىنىشىگە مەدەت بېرىپ، قالاق كارخانىلارنى چېكىندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، كەمچىل، باھاسى تۆۋەن دورىلارنى كۆزىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە دەرىجىگە ئايرىپ تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر