باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىر قاتار قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلاردىن ئۆيلۈك يەر سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ

2017.02.10 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ لۇڭ قاتارلىقلار 9-فېۋرال گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2016-يىلدىن 2030-يىلىغىچە)»غا چۈشەنچە بەردى. ھازىر، ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆيلۈك يەر 300 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تارقاق، قالايمىقان، بوش قېلىش ئەھۋاللىرى يەنىلا ساقلانماقتا. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالاقىدار «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، جايلارنىڭ يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش تىزىملاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىياسەت ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، شەھەر-بازار ئاھالىلىرى 1999-يىلدىن كېيىن ئۆيلۈك يەر ئىشلەتسە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاپ بەرمەيدىكەن.

  شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئۆيلۈك يېرىگە گۇۋاھنامە بەرمەسلىك مەسىلىسىگە جاۋ لۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلاردىن ئۆيلۈك يەر سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى بار، بۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويۇلغان. قانۇن ۋە تىزىملاش قائىدىسىگە ئاساسەن، شەھەر ئاھالىلىرى قانۇنلۇق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدۇ.مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، جياڭ دامىڭ 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىن بايلىقى خىزمىتى يىغىنىدا، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتا ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش كىنىشكىسى تارقىتىش خىزمىتىنى ئاساس قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ بىر ئۆيلۈك يېرى بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلاردىن يەر سېتىۋېلىپ ئۆي سېلىپ ئاتالمىش «تەتۈر شەھەرلىشىش» قىلمىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، دېگەن.

  جاۋ لۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: دۆلەت ھازىر يەنە «ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ يەردىن باج ئېلىش، يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ۋە ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ئۆيلۈك يەرنى قانداق قىلىپ كوللېكتىپ تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدا ياكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئوبوروت قىلىش تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا قانۇن شەكلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى بولۇپمۇ سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا بېرىپ ئۆيلۈك يەر سودىسى قىلىشىغا ياكى ئېلىپ-سېتىشىغا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر