باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش ۋە قوغداش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تايانچ ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى

2017.02.10 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2016-يىلدىن 2030-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇنىڭغا قارىتا چۈشەنچە بەردى.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئېچىش ۋە قوغداشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇميۈزلۈك، ئاساسلىق يىرىك پىلانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «پىروگرامما» توپلاپ ئېچىش، تۈرگە ئايرىپ قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» رامكىنى ھاسىل قىلدى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى تېررىتورىيەلىك بوشلۇقنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، مۇۋاپىق بوشلۇق پىلانلاش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تايانچ ۋە ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆپ مەركەزلىك تورسىمان توپلاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

  «پىروگرامما»دا جۇڭگونىڭ بارلىق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەلىكى زېمىنى(بۇ قېتىملىق پىلاندا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرى ۋاقتىنچە پىلانلانمىدى) پىلانلاندى. زېمىن بايلىقىنى ئېچىش ئىدىيەسى توغرىسىدا جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: كۆپ مەركەزلىك تورسىمان توپلاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېچىش ۋە تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم تۈگۈن ۋە مەركىزىي رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، توپلاپ ئېچىشنىڭ تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون ئىقتىسادىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ سۇشې مۇنداق دېدى: توپلاپ ئېچىشتىكى مەقسەت ئامىللارنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، نوپۇس ۋە كەسىپلەرنى بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك رايونلارغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلەپ، رىقابەت كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك نۇقتىلىق ئىقتىساد رايونى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر