باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى ئېلان قىلىندى

2017.02.10 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە پايدا ئالىدىغان بولدى. سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا «سودا ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت خىراجىتى نىسبىتىنى %7 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «يىرىك پىلان»دا، كۆپ قاتلاملىق سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىش ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن شەھىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك سودا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈن شەھىرى قۇرۇشنى بېكىتىش؛ سودا ئەشيا ئوبوروت ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سودا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ كەسىپلەشكەن، خەلقئارالاشقان يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سودا ئەشيا ئوبوروتى ئىناۋەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر