خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخابادتا، بىر ئايال بىر بېلەت تاشلاش پونكىتىدا ئېمزا قۇيۇپ بېلەت ئالماقتا.
تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى 12-فېۋرال سائەت 7دە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا) باشلاندى، سايلامدا ھازىرقى زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز زۇڭتۇڭ نامزاتى رىقابەت بىلەن زوڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى تالىشىشقا چۈشتى.
بۇ توققۇز نامزات ئىچىدە، بەردىمۇھەممەدوفتىن باشقا سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالىيېف، يېزا ئىگىلىك پارتىيەسى كۆرسەتكەن نامزات ئولازوف ۋە باشقا ئالتە نامزات بار.
بەردىمۇھەممەدوف سايلام رىقابىتى پىروگراممىسىدا، ئەگەر يەنە بىر قېتىم سايلانسا، ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈركمەنىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت تەرەققىي تاپقان دۆلەت قىلىپ چىقىدىغانلىقى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ يەنە، تۈركمەنىستاننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇق، دۆلەت ھالقىغان جىنايەت ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىك پائالىيەتلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى