باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئىشلىتىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ

2017.02.13 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېنخۇي يېقىندا سۇغۇر مەبلىغىنى ئىشلىتىش مەخسۇس تەربىيەلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2017-يىلى سۇغۇر مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن قىيىن بولىدىغان بىر يىل، سۇغۇرتا كەسپى خېيىم-خەتەر ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەپ، خېيىم-خەتەر مەسىلىسىگە قارىتا يۈكسەك ھوشيار ۋە سەزگۈر بولۇش، تۈزۈم چېكى ۋە خېيىم-خەتەر تۆۋەن چېكىنى مەھكەم تۇتۇش كېرەك.

  چېن ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرى توپلىشىپ قالدى، سۇغۇر مەبلىغىنى ئىشلىتىش ساھەسىدىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان تەدبىرلەر، ھەرىكەت قىلغۇچىلار دوستانە بولمىغان مەبلەغ سېلىش، چېگرا، ساھە ھالقىپ زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىش، رادىكال تىجارەت ۋە مەبلەغ سېلىش، مەھسۇلات كۆپ قاتلامغا توپلىنىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارىچاڭ پايدىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئىقتىساد تۆۋەن بولۇۋاتقان ۋە مۈلۈك قەھەتچىلىكى كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋالدا، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان مۇلازىمەت قىلىشىغا پائال مەدەت بېرىش ۋە بۇنىڭغا يېتەكلەش، سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تەتۈر باسقۇچلۇق مەبلەغ سېلىش ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ۋە بايلىقنى باشقۇرۇش داۋامىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىممەتلىك مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  2017-يىلى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە، سۇغۇرتا كەسپى-سۇغۇرتىچىلىق نامىنى قوغداش، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى نامىنى نازارەت قىلىش ئورنىنى چىڭ تۇتۇپ، ساقلانغان خېيىم-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنى بىكار قىلىشتەك مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورگانلارنى جازالاپ، مەبلەغ سېلىشتىكى مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خېيىم-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر