باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017- يىلى 3 مىليون 400 مىڭ نامرات كۆچۈرۈپ يۆلىنىدىغان بولۇپ، 2016- يىلىدىكىدىن %36.5 ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.02.13 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-فېۋرال، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېيجىڭدا 2016-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى ئۈنۈمىنى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋىلايەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ياڭ چيەن 2016- يىللىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى، نەتىجىلىرى ۋە 2017-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ياڭ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نىشانىدىكى كىشى 3 مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن %36.5 كۆپىيىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يۇقىرى دولقۇنلۇق يىل بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 22 ئۆلكە (شەھەر، ئاپتونوم رايون) نىڭ 1282 ناھىيە (رايون) لىرىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى سەپلەش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پاراۋانلىق ئىش ئورنى، مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش، تۆۋەن كاپالەتلىكلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئەمەلىيلەشتۈردى. ياڭ چيەن مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، 2 مىليون 490مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ «بېشىدىلا يېڭىش» دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر