باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەم يېنىك يارىلاندى، يادرو ئېقىپ كېتىش خەۋپى بىر تەرەپ قىلىندى

2017.02.10 16:12   مەنبە: خەلق تورى

فىرانسىيەدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەم يېنىك يارىلاندى، يادرو ئېقىپ كېتىش خەۋپى بىر تەرەپ قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ غەربى قىسمى لامانش ئۆلكىسىدىكى فلامانۋىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ زاۋۇت رايونىدا 9-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن پارتلاش يۈز بېرىپ، بەش ئادەم يېنىك يارىلانغان، بىراق يادرو چىقىپ كېتىش خەۋپى يوق ئىكەن.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەرەپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان پارتلاش يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرولۇق رايونىدا ئەمەس بولۇپ، يادرو ئېقىپ كېتىش خەۋپى يوق ئىكەن، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەت ئالاھىدە ئارىلىشىش تەدبىرىنى يولغا قويماي، پەقەت ئادەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ بىر تەرەپ قىلغان.

  شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى فىرانسىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتىگە تەۋە ئىكەن، پارتلاش يۈز بەرگەن ئورۇن يادرو رېئاكتورى بار يادرولۇق رايوندىن يىراقتا ئىكەن. پارتلاش ۋەقەسىدە بەش ئادەم يېنىك يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يارىدارلارنى ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش ئاساسىي ماھارىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلىدۇ
    ·2017-يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ
    ·بېيجىڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۆبە يەسلى ئېچىش تەدبىرى قوللاشقا ئېرىشتى مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سا…
    ·بېيجىڭدا مەركەزگە قاراشلىق قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى سىرتقا يۆتكەش تەدبىرى قو…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغ…
    ·ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەر…
    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى