باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» تارقىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى نۇقتىدا سىناق قىلدى

2017.02.13 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم قانۇن ئىجرا قىلىش قارارلىرىنى قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»نى تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ۋە كۆكخوت شەھىرى قاتارلىق 32 جاي ۋە تارماقتا نۇقتىدا سىناق قىلىش بېكىتىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان جايلار، تارماقلار مەمۇرىي تەستىق، مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش، مەمۇرىي باج ئېلىش، مەمۇرىي ھەق ئېلىش، مەمۇرىي تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم قانۇن ئىجرا قىلىش قارارلىرىنى قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم قانۇن ئىجرا قىلىش قارارلىرىنى قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىيەتلىك ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلار مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلار يېزىق، ئۈن-سىن قاتارلىق خاتىرىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەپ ۋە ئارخىپقا ئېلىپ، پۈتۈن جەرياننى خاتىرىلەش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلار مۇھىم قانۇن ئىجراسى قارارلىرىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى، تەكشۈرمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىگە قارار چىقارماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر