خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى يېقىندا قابىل ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، كۈسەن مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىنىڭ تەربىيەلەش نوقتىسىدا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئۇسسۇل، گىتار، مىللىي مۇزىكا، ئېلېكتىرونلۇق رويال، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسىدا ئومۇميۈزلىك دەرس باشلاپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى مەنىلىك، خوشال-خورام ئۆتكۈزۈشى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.
ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئىشتىن سىرتقى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراھمان توختىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى يۇقىرىنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەخسۇس مەبلىغىنى پىلانلىق ئىشلىتىپ، بەش يىلدىن بۇيان 4300دىن ئارتۇق ياش – ئۆسمۈرنى مەدەنىيەت، سەنئەت كەسىپلىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت قۇشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرۈتكە بولغان .
سۈرەتتە: 7-فېۋرال، ئۆسمۈرلەر تۈرلۈك كەسىپلەر بۇيىچە دەرس ئاڭلىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى