- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ستېينمېيئېرگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2017.02.13 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ سايلانغان فېدېراتسىيە زۇڭتۇڭى ستېينمېيئېرگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە يەنىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. مەن سىز بىلەن بىر يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر